دۇنيا پولات جەمئىيىتى (worldsteel) گە دوكلات بەرگەن 64 دۆلەتنىڭ دۇنيا خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2020-يىلى يانۋاردا 154 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇپ، 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %2.1 ئاشقان.
جۇڭگونىڭ 2020-يىلى يانۋار ئېيىدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 84.3 مىليون توننا بولۇپ، 2019-يىلى يانۋار ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %7.2 ئاشقان*. ھىندىستان 2020-يىلى يانۋار ئېيىدا 9.3 مىليون خام پولات ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2019-يىلى يانۋار ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %3.2 تۆۋەنلىگەن. ياپونىيە 2020-يىلى يانۋار ئېيىدا 8.2 مىليون خام پولات ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2019-يىلى يانۋار ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %1.3 تۆۋەنلىگەن. كورىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2020-يىلى يانۋار ئېيىدا 5.8 مىليون توننا بولۇپ، 2019-يىلى يانۋار ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %8.0 تۆۋەنلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، ئىتالىيە 2020-يىلى يانۋاردا 1.9 مىليون توننا خام پولات ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %4.9 تۆۋەنلىگەن. فرانسىيە 2020-يىلى يانۋاردا 1.3 مىليون توننا خام پولات ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %4.5 ئاشقان.
ئامېرىكىدا 2020-يىلى يانۋاردا 7.7 مىليون توننا خام پولات ئىشلەپچىقىرىلدى، بۇ 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %2.5 ئاشقان.
بىرازىلىيەنىڭ 2020-يىلى يانۋاردىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2.7 مىليون توننا بولۇپ، 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %11.1 تۆۋەنلىگەن.
تۈركىيەنىڭ 2020-يىلى يانۋاردىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3.0 مىليون توننا بولۇپ، 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %17.3 ئاشقان.
ئۇكرائىنادىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۆتكەن ئايدا 1.8 مىليون توننا بولۇپ، 2019-يىلى يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %0.4 تۆۋەنلىگەن.
مەنبە: دۇنيا پولات جەمئىيىتى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى

