2021-يىلى 4-ئايدا، دۇنيا تۆمۈر-پولات جەمئىيىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا كىرگۈزۈلگەن 64 دۆلەتنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 169 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.3 ئاشتى.
2021-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگونىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 97 مىليون 900 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشقان؛
ھىندىستاننىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 8 مىليون 300 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %152.1 ئاشقان؛
ياپونىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7 مىليون 800 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبەتتە %18.9 ئاشقان؛
ئامېرىكىنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون 900 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبەتتە %43.0 ئاشقان؛
رۇسىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %15.1 كە يەتتى؛
كورىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، يىللىق نىسبىتى %15.4 ئاشتى؛
گېرمانىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %31.5 كە يەتتى؛
تۈركىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 300 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ يىللىق نىسبەتتە %46.6 ئاشقان؛
بىرازىلىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبەتتە %31.5 ئاشقان؛
ئىراننىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، يىللىق نىسبەتتە %6.4 ئاشتى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى
