چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە پولات ئىمپورتىغا قويۇلغان بىر قىسىم قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بۇ كېلىشىمنىڭ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكا ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بەلگىلىك مىقداردىكى پولات مەھسۇلاتلىرىغا %25 قوشۇمچە باج ئېلىشنى توختىتىدۇ، باجسىز پولات ئىمپورتىنىڭ يۇقىرى چېكى 1 مىليون 250 مىڭ توننا. بۇنىڭ ئەۋەزىدە، ياپونىيە كېيىنكى ئالتە ئايدا ئامېرىكىنىڭ «تېخىمۇ ئادىل پولات بازىرى» قۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.
سىنگاپوردىكى مىزۇخو بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسى ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە باشلىقى ۋىشنۇ ۋاراتاننىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تاموژنا بېجى سىياسىتىنى بىكار قىلىش بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسەت ۋە دۇنياۋى سودا ئىتتىپاقلىرىنى تەڭشەش ئۈمىدىگە ماس كېلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى تاموژنا بېجى كېلىشىمى باشقا دۆلەتلەرگە ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا ئويۇنىدىكى بىر خىل مۇناسىۋەتنى تولۇقلاش.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
