ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى يەرلىك ۋاقىت 9-كۈنى ئۇكرائىنادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولاتقا باج ئېلىشنى بىر يىل توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رەيموند باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇكرائىنادىن پولات ئىمپورت تاموژنا بېجىنى يىغىشنى بىر يىل توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەيموندنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئۇكرائىنا خەلقىگە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى باياناتىدا پولات سانائىتىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنادا ھەر 13 ئادەمنىڭ بىرى پولات زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. «پولات زاۋۇتلىرى ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پولات ئېكسپورت قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك» دېدى رەيموند.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇكرائىنا دۇنيادىكى 13-چوڭ پولات ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، پولاتنىڭ %80 ى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا 2021-يىلى ئۇكرائىنادىن تەخمىنەن 130 مىڭ توننا پولات ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلغان پولاتنىڭ پەقەت %0.5 نى ئىگىلەيدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىناغا قارىتىلغان پولات ئىمپورت تاموژنا بېجىنى توختىتىش تېخىمۇ «سىمۋوللۇق» ئەھمىيەتكە ئىگە.
2018-يىلى، ترامپ ھۆكۈمىتى «مىللىي بىخەتەرلىك»نى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇكرائىنا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان پولاتقا %25 باج قويۇشنى جاكارلىدى. ئىككى پارتىيەدىن كەلگەن نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بايدىن ھۆكۈمىتىنى بۇ باج سىياسىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكىدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا ئۇكرائىنادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بارلىق تاۋارلارغا، جۈملىدىن پولات، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشنى توختىتىۋەتتى.
رۇسىيە 24-فېۋرال ئۇكرائىنادا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تەخمىنەن 3 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا رۇسىيەگە قارشى بىر قانچە قېتىملىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە باشقا شەخسلەرگە قارشى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلدى، بەزى رۇسىيە بانكىلىرىنى دۇنيا بانكا پۇل-مۇئامىلە تېلېگراف جەمئىيىتى (Swift) تۆلەم سىستېمىسىدىن چىقىرىۋەتتى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى توختىتىۋەتتى.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
