ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 8-كۈنى ئاق سارايدا بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا سەۋەبىدىن رۇسىيە نېفىتى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ ئىجرائىيە بۇيرۇقىدا يەنە ئامېرىكىلىق شەخسلەر ۋە ئورگانلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە سانائىتىگە يېڭى مەبلەغ سېلىشى چەكلەنگەنلىكى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سالغان چەتئەل شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشى ياكى كاپالەت بېرىشى چەكلەنگەنلىكى بەلگىلەنگەن.
بايدىن شۇ كۈنى بۇ چەكلەش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. بىر تەرەپتىن، بايدىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ رۇسىيە مەسىلىسىدىكى بىرلىكىنى تەكىتلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بايدىن ياۋروپانىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە تايىنىشىنى ئىشارەت قىلدى. ئۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېقىندىن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. «بۇ چەكلەشنى ئىلگىرى سۈرگەندە، نۇرغۇن ياۋروپا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىزگە قوشۇلالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلىمىز».
بايدىن يەنە ئامېرىكا رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن جازا چەكلىمىسىنى قوللانغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
بايدىن رۇسىيەگە نېفىت چەكلىمىسى قويغان كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرىچە بېنزىن باھاسى 2008-يىلى 7-ئايدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت ياراتتى، ھەر گاللون بېنزىن باھاسى 4.173 دوللارغا يەتتى. ئامېرىكا ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ سان بىر ھەپتە ئىلگىرىكىدىن 55 سېنت ئۆرلىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021-يىلى ئامېرىكا رۇسىيەدىن تەخمىنەن 245 مىليون تۇڭ خام نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %24 بولغان.
ئاق ساراي 8-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مالىيە يىلىدا 90 مىليون تۇڭ ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسىنى قويۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى يېڭى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقان بېسىمىغا جاۋابەن، بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى نويابىردا 50 مىليون باك ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسىنى، بۇ يىل مارتتا 30 مىليون باك ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-مارتقىچە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسى 577 مىليون 500 مىڭ باكقا چۈشۈپ قالغان.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى
