ئەنگىلىيەنىڭ خەلقئارا سودا ئىشلىرى كاتىپى ئاننى مارى ترېۋىللىئان يەرلىك ۋاقىت بىلەن 22-مارت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئەنگىلىيە پولات، ئاليۇمىن ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان يۇقىرى باجنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىمگە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيە بىر قىسىم ئامېرىكا تاۋارلىرىغا قويۇلغان جاۋاب باجىنى بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تەرەپ ھەر يىلى 500 مىڭ توننا ئەنگىلىيە پولات-تۆمۈرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە نۆل باج بىلەن يول قويىدۇ. كىچىك ئەسكەرتىش: «232-ماددىغا» ئاساسەن، ئامېرىكا پولات ئىمپورتىغا %25 باج، ئاليۇمىن ئىمپورتىغا %10 باج ئالالايدۇ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى
