24-ماي كۈنى، دۇنيا پولات جەمئىيىتى (WSA) ئاپرېل ئېيىدىكى دۇنيا خام پولات ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاپرېل ئېيىدا، دۇنيا پولات جەمئىيىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا كىرگۈزۈلگەن 64 دۆلەت ۋە رايوننىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 162 مىليون 700 مىڭ توننىغا يېتىپ، يىللىق نىسبەتتە %5.1 تۆۋەنلىگەن.
ئاپرېلدا، ئافرىقىنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.4 تۆۋەنلىگەن؛ ئاسىيا ۋە ئوكيانىيەدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 121 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.0 تۆۋەنلىگەن؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى (27 دۆلەت) نىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 12 مىليون 300 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.4 تۆۋەنلىگەن؛ ئوتتۇرا شەرقتىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 300 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.5 تۆۋەنلىگەن؛ شىمالىي ئامېرىكىدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 9 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.1 تۆۋەنلىگەن؛ رۇسىيە، باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى دۆلەتلىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7 مىليون 300 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18.4 تۆۋەنلىگەن؛ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.5 ئاشقان؛ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 600 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبەتتە %4.8 تۆۋەنلىگەن.
پولات ئىشلەپچىقارغۇچى ئالدىنقى 10 دۆلەت (رايون) نىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاپرېلدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 92 مىليون 800 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 5.2 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن؛ ھىندىستاننىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 6.2 پىرسەنت ئاشقان؛ ياپونىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 4.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن؛ ئامېرىكىدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون 900 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 3.9 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن؛ رۇسىيەدىكى خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 6 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى %0.6 ئاشقان؛ كورىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 4.1 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن؛ تۈركىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 1.6 پىرسەنت ئاشقان؛ گېرمانىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 300 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 1.1 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن؛ بىرازىلىيەنىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 900 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 4.0 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن؛ ئىراننىڭ خام پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق نىسبىتى 20.7 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى
