خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2021-يىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى

12-ئۆكتەبىر، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى دوكلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىنى (بۇنىڭدىن كېيىن «دوكلات» دەپ ئاتىلىدۇ) ئېلان قىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى «دوكلات»تا 2021-يىلى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %5.9 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى مۆلچەردىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئەسلىگە كېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، يېڭى تاج ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. دېلتا سىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى يۇقۇمنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى كۈچەيتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەر خىل ئىقتىسادلارغا نۇرغۇن خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.
«دوكلات»تا 2021-يىلىنىڭ تۆتىنچى پەسلىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %4.5 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن (ھەر خىل ئىقتىسادلار ئوخشىمايدۇ). 2021-يىلى، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى %5.2 ئاشىدۇ، بۇ ئىيۇلدىكى مۆلچەردىن %0.4 تۆۋەن؛ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى %6.4 ئاشىدۇ، بۇ ئىيۇلدىكى مۆلچەردىن %0.1 ئاشىدۇ. دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جۇڭگودا %8.0، ئامېرىكىدا %6.0، ياپونىيەدە %2.4، گېرمانىيەدە %3.1، ئەنگىلىيەدە %6.8، ھىندىستاندا %9.5 ۋە فرانسىيەدە %6.3. «دوكلات»تا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2022-يىلى %4.9 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن، بۇ ئىيۇلدىكى مۆلچەر بىلەن ئوخشاش.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى گىتا گوپىنات (Gita Gopinath) ۋاكسىنا تەمىناتى ۋە سىياسەت قوللىشىدىكى پەرق قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋاقتىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە پۇل پاخاللىقى ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بولغان خەۋپ-خەتەرنى ئاشۇردى ۋە سىياسەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتا تېخىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى.


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى