خۇاڭخۇا پورتى تۇنجى قېتىم تايلاند تۆمۈر رۇدىسىنى ئىمپورت قىلدى

30-ئاۋغۇست كۈنى، خۇاڭخۇا پورتىدا 8198 توننا ئىمپورت قىلىنغان تۆمۈر رۇدىسى تازىلاندى. بۇ، خۇاڭخۇا پورتىنىڭ پورت ئېچىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تايلاند تۆمۈر رۇدىسىنى ئىمپورت قىلىشى بولۇپ، خۇاڭخۇا پورتىدىكى تۆمۈر رۇدىسى ئىمپورت قىلىدىغان مەنبە دۆلىتىگە يېڭى ئەزا قوشۇلدى.

رەسىمدە خۇاڭخۇا پورتىنىڭ تاموژنا خادىملىرى ئىمپورت قىلىنغان تۆمۈر رۇدىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
خۇاڭخۇا پورتى خېبېي ئۆلكىسىدىكى تۆمۈر رۇدىسى ئىمپورت قىلىدىغان مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى. ئۇ 200 مىڭ توننىلىق سۇ يولى ۋە 10 مىڭ توننىلىق سەۋىيەدىن يۇقىرى 25 پاراخوت توختىتىش مەيدانى قۇرغان. شىجياجۇاڭ تاموژنىسىغا قاراشلىق خۇاڭخۇا پورتى تاموژنىسى پورتنىڭ تەرەققىياتىغا پائال ھەمكارلىشىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل خىزمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، «ئىنتېرنېت + تاموژنىنىڭ» رولىنى ئويناپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ۋە تېز قويۇپ بېرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «تېز تاموژنىدىن ئۆتۈش يېشىل يولى» نى قۇرۇپ چىققان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇاڭخۇا پورتىدىكى تۆمۈر رۇدىسىنىڭ ئىمپورت مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونى بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇستقىچە پورتنىڭ تۆمۈر رۇدىسى ئىمپورت مىقدارى 30 مىليون توننىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى