جۇڭگونىڭ لىتىي رۇدىسى زاپىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

8-يانۋار كۈنى، تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىكىنىڭ جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى جۇڭگودىكى لىتىي كانلىرىنى تەكشۈرۈشتە زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېڭىدىن قوشۇلغان سپودۇمېن تىپىدىكى، تۇز كۆل تىپىدىكى ۋە لىتىي مىكا تىپىدىكى لىتىي كانلىرىنىڭ ھەممىسى 10 مىليون توننىدىن ئاشتى، لىتىي زاپىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى نىسبىتى %6 تىن %16.5 كە ئۆرلەپ، دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندىن ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ۋە دۇنيا لىتىي بايلىقى مەنزىرىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈردى.
كەلگۈسىدىكى «مېتاللار پادىشاھى» دەپ تەرىپلەنگەن لىتىي زامانىۋى جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى، كۆچمە ئالاقە، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە يادرو رېئاكتور يېقىلغۇسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىتىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ چەتئەل لىتىي بايلىقىغا تايىنىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان لىتىينىڭ نىسبىتى زور بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئاشۇردى ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىدى.
بۇ كان بايلىقىنى تەكشۈرۈشتىكى بۆسۈشتە، يېڭىدىن بايقالغان غەربىي كۇنلۇن سوڭپەن گەنزى لىتىي كان بايلىقى بەلبېغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2800 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك سپودۇمېن تىپىدىكى لىتىي كان بايلىقى بەلبېغى. بۇ كان بايلىقى رايونىنىڭ بايقىلىشى جۇڭگودىكى لىتىي كان بايلىقىنىڭ تۈرى ۋە تارقىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى، شىنجاڭ، سىچۈەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا لىتىي كان بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈلگىلىرىنى نامايان قىلدى ھەمدە جۇڭگودىكى لىتىي كان بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىشلەرنى تەمىنلىدى.
دەسلەپكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايوندا 6 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئارتۇق لىتىي كان بايلىقى توپلانغان بولۇپ، بايلىق يوشۇرۇن كۈچى 30 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ جۇڭگونىڭ لىتىي كان بايلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
سپودۇمېن تىپلىق لىتىي كانلىرىدىن باشقا، جۇڭگو تۇز كۆللىرىدىكى لىتىي بايلىقىنى ئېچىشتىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئارقىلىق، جۇڭگودىكى تۇز كۆللىرىدىكى يېڭىدىن قوشۇلغان لىتىي بايلىقى 14 مىليون توننىدىن ئېشىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا لىتىي ئۈچبۇلۇڭى ۋە ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ تۇز كۆلى لىتىي بايلىقى بازىسىغا ئايلاندى. تۇز كۆلى لىتىي بايلىقىنىڭ ئېچىش تەننەرخى تۆۋەن، بۇلغىنىشى ئەڭ تۆۋەن ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو لىتىي مىكادىن لىتىي ئېلىش تېخنىكىسىدا مۇھىم بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈردى. لىتىي مىقدارى يۇقىرى، ئەمما ئېلىش مۇرەككەپ ۋە لىتىي مىكانىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ياخشىلىدى ھەمدە لىتىي مىكا تىپىدىكى لىتىي رۇدىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، جياڭشى ۋە باشقا رايونلاردا يېڭىدىن قوشۇلغان لىتىي مىكا تىپىدىكى لىتىي رۇدىسى بايلىقى 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ بۆسۈش خۇنەن، ئىچكى موڭغۇل ۋە باشقا رايونلاردا يېڭى كانچىلىق ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لىتىي بايلىقىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ قېتىم لىتىي رۇدىسىنى تەكشۈرۈشتە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ كان مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەتلەرنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان. جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھەر قايسى ئۆلكە (رايون)لاردىكى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا لىتىي رۇدىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەركەزلىك ھەرىكەت باشلىدى ھەمدە سىچۈەن، شىنجاڭ، چىڭخەي، جياڭشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىم لىتىي قېزىش ساھەسىدىكى مۇھىم بۆسۈش جۇڭگودىكى لىتىي بايلىقىنىڭ قىسىلىشىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا لىتىي بايلىقى بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا لىتىي بايلىقى بازىرىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ.


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى