7-ئىيۇن كۈنى، جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ مايدا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 140 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %26.9 ئاشقان، بۇ ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.3 ئاشقان، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت %18.1 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %4.1 تۆۋەنلىگەن؛ ئىمپورت %39.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %7.3 ئاشقان.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
